كۈمۈش قاچا-قۇچىلار ۋە سالامەتلىك

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 16:15:59

ھۆسناجى ئابدۇرېھىم

بىز تارىخىي ماتېرىياللارغا قارايدىغان بولساق، مەملىكىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈش ۋە مېھمانلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەشتە، يېمەكلىكلەرنى كۈمۈش قاچىلارغا سېلىپ كۈتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مىللىي ئەنئەنىسىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

بۇ بىر تەرەپتىن قىممەتلىكى جەھەتتە ئالتۇندىن كېيىنلا تۇرىدىغان كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلار ئارقىلىق مېھمانغا بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى، ھۆرمىتىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنى مېھماننىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى، دېيىشكە بولىدۇ.

ئادەتتە كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلاردا سۈت قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ساقلىغاندا ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، ھەمدە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، يېمەكلىك كۈمۈش قاچىلارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى كۈمۈش سۇدا ئېرىيدۇ-دە، سۇدا كۈمۈش ئىئونى مەۋجۇت بولىدۇ. كۈمۈش ئىئونى باكتېرىيەلەرنى ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرەلەيدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى كۈمۈش قاچىلاردا بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىسىمۇ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • كىتابنى كۆپ ئوقۇسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە تۆھپە قوشقان بولىسىز

    تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ، جىسمانىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق ئىكەن مېدىتسىنا ئىلمىدە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقى پۈتۈن ئورگانىزمغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ بىئولوگىيە ئىلمىدە «ئىشلىتىلسە را...

  • مۇۋاپىق ھەركەت قىلماسلىقنىڭ سالامەتلىككە سالىدىغان تەھدىتى تاماكىدىن قېلىشمايدۇ

    مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلماسلىقنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ھەتتا تاماكىدىن قېلىشمايدۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پۈتۈن يەر شارىدا ھەر يىلى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 5 مىليون 300 مىڭغا يېتىدۇ

  • تۆمۈر بەدىنىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

    ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ تىنىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى بەش ئۈچ ~بەش گىرامغىچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %80~%70 تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلى شەكلىدە ئاساسلىقى قىزىل قان ھۇجەيرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ

  • ياڭاق شاكىلى ئېغىز يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

    ئېغىز يارىسى بولۇپ قالغاندا 10 دانە ياڭاقنى چېقىپ، شاكىلىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاغرىقى پەسەيتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يەڭگىللىتىدۇ، ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچكەندە ئېغىز يارىسى شىپا تاپىدۇ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا يارا ئېغىزىغا شىلېيسەن ( 锡类散 )...

  • ئۇزاق ئولتۇرۇش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق

    ئەڭ يېقىندىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، ھەر كۈنى كۆپ ئولتۇرىدىغان كىشىلەر مەيلى ئۇلار ھەرىكەت قىلغان بولسۇن، ئۇلار چېنىققاننىڭ ئۈنۈمى ئۇزاق ئولتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دىئابىت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ تەھ...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有