نېمە ئۈچۈن بالىلار شېكەر يېمىسىمۇ چىشى چىرىيدۇ؟

مەنبە:

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-10 12:11:37

نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ چىشى چىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلىرىنى شېكەر، شاكىلات ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ، ئەمما بالىلار يېمەكلىكلىرىدىكى باشقا ‹‹شېكەر››لەردىن مۇداپىئەلىنىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بالىلار يېمەكلىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سۈت پاراشوكى، تورت، پېچىنە ۋە باشقا كۆپتۈرۈلگەن يۇمشاق يېمەكلىكلەر بولۇپ، ھەممىسىلا يېپىشقاق ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، چىشقا ئاسان يېپىشىپ قالىدۇ ھەم ئېچىپ كىسلاتا ھاسىل قىلىپ چىشنى چىرىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بالىلار كۈندە مۇشۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ تۇرسا، ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلغان ھالەتتىمۇ ئېغىزدا ھېچقانداق يېمەكلىك قالدۇقى قالدۇرماسلىققا كېپىللىك قىلغىلى بولمايدۇ.

كىشىلەر بالىلارنىڭ چىشى چىرىشى شېكەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولۇشى ناتايىن. چىش چىرىشنىڭ يېمەكلىك، بولۇپمۇ شېكەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ بىردىنبىر سەۋەب بولالمايدۇ. باكتېرىيە بولغاندىلا چىش چىرىيدۇ، چىش چىرىتكۈچى باكتېرىيەلەرنىڭ چوقۇم يېمەكلىكلەردىنلا كېلىشى ناتايىن، ھەتتا چوڭلارنىڭ سۆيۈشىمۇ بالىلارنى چىش چىرىتكۈچى باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ، چىشى چىرىگەن كىشىلەرنىڭ بالىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. كۆپ قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلارغا تاماق يېگۈزۈشتىن بۇرۇن پۈۋلەپ سوۋۇتىدۇ، ھەتتا چايناپ يېگۈزۈپ قويىدۇ، بۇمۇ بالىلارنىڭ چىش چىرىتكۈچى باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئېمىزگۈ ئېمىپ ئۇخلاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بوۋاق ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئېمىزگۈ بوتۇلكىسىدىكى سۈت چىش چىرىشنى پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ يېتىلىش بازىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇلاردىن باشقا، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ مىكرو مۇھىتىمۇ چىش چىرىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بالىلارنىڭ شۆلگىيى ئاز، چىشلىرى رەتسىز، چىشىنىڭ سىرتقى يۈزلىرى ئويمان – دۆڭ بولسا باكتېرىيەلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە كۆپىيىشىگە پايدىلىق. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ چىشى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئەتىگەن – كەچتە بىر قېتىمدىن چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەندۈرۈش، يېمەكلىك يېگەندىن كېيىن ئېغىز چايقاشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • يېتىم بالىلىرىمىزغا كىتاپ ئىئانە قىلامسىز

    باغداش خەۋەرلىرى : ھۆرمەتلىك قانداشلار ئۆمىد ئىيىنىڭ(4-ئاي)23-كۈنى د...

  • بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ ساغلام خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشىگە زىيانلىق

    ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن ۋاقىتتا ھەرخىل گەپلەرنى قىلىپ ئۇلارنى قورقۇتۇشى بىزگە تولىمۇ نورمال ئىشتەك بىلىنىدۇ ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋال بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ زىيانلىق بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ سەبىي ...

  • كىچىكىدە بوزەك قىلىنغان بالىلار....

    ئامرىكىلىق مۇتەخەسىسلەر يېقىندا 20 يىل داۋام قىلغان ،1420بالىنى تاكى قۇرامىغا يەتكۈچە ئىز قوغلاپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىپ مۇنداق دېيىشتى :كىچىكىدە بوزەك قىلىنغان بالىنىڭ قۇرامىغا يەتكەندە سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بو...

  • بالىلاردا پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىمايلى

    بالىلار تەربىيەسى ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى ئۆزئارا ماسلاشقاندىلا، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھەر ...

  • بالىلارنىڭ بۇرنى نىمىشقا قانايدۇ؟

    بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئىنتايىن يۇمشاق ،شىللىق پەردىدە قىل قان تومۇرلار ئىنتايىن كۆپ ،شۇڭا ھاۋا قۇرغاق ياكى ئۆينىڭ نەملىكى يىتەرلىك بولمىسىلا ،بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى قۇرۇپ يېرىلىدۇ –دە ،قاناشنى پەيدا قىلىدۇ بالىلار بۇرنى...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有