تىنچلاندۇرۇش دورىسى ماس كەلمەيدىغانلار

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-08 12:50:00

تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئۇيقۇسىزلىق، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. بىراق تىنچلاندۇرۇش دورىسى ھەرقانداق بىمارغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ.

ئۆپكە گازلىق ئىششىقى بارلار :تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندا، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىدۇ. ئېغىر بولغاندا نەپەستىن توختاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

گىلاۋكوما بىمارلىرى :گىلاۋكوما بىمارلىرى تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

شوپۇرلار:ھەركۈنى 15 مىللىگىرام تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىستېمال قىلغاندا، باش قېيىش، ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆزى غۇۋالىشىش، كۆز ئالمىسى تىترەش، تۆۋەن قان بېسىمى قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ھامىلدارلار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار:ھامىلدار بولۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىنمۇ تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىستېمال قىلغاندا، بۇۋاقنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىنمۇ تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىستېمال قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، فىزىئولوگىيەلىك سېرىق چېچەك مەزگىلىنى ئۇزاتىۋېتىدۇ. بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ۋە بوۋاقلار تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有