چۈشتە ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى بولىدىكەن

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-06 12:13:56

يېقىندا ‹‹ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژۇرنىلى››دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، چۈشتە ئۇخلاشنى ئادەت قىلغان بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولىدىكەن.

ئامېرىكا بوستون ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاموستې ئىنستىتۇتى تەسۋىرلىك ئەستە تۇتۇش ئويۇنىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلارنى سىناققا قاتناشتۇرغان، ئويۇندا بالىلاردىن مۈشۈك، كۈنلۈك، ساقچى قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرەتلەرنىڭ كاتەكچە ئىچىدىكى ئورنىنى ئەستە تۇتۇۋېلىش تەلەپ قىلىنغان. نەتىجىدە، چۈشتە ئۇخلاش ئادىتى بار بالىلارنىڭ سۈرەتلەرنى ئەستە تۇتۇۋېلىشى، چۈشتە ئۇخلىمايدىغان بالىلارنىڭكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولغانلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىناققا قاتناشتۇرۇلغان بالىلارنىڭ مېڭە دولقۇنىنى ئۆلچىگەندىمۇ، چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بىر قىسىم قىسقا مەزگىللىك ئەستە تۇتۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەستە تۇتۇشقا ئۆزگەرگەنلىكى دەلىللەنگەن.

تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ چۈشلۈك ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما چۈشلۈك ئۇيقۇ بالا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىمىسىنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىپ، كەلگۈسىدە رەسمىي ئوقۇش باسقۇچىغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە پايدىلىق ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بىر كۈن يېڭى بىلىملەرنى ئۈگەنگەن بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چۈشلۈك ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ ياخشى ‹‹خىزمەت›› قىلدۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، بالىلارنىڭ يېڭى بىلىملەرنى ئاسان قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. شۇڭا، بوۋاق مەزگىلىدىن باشلاپلا بالىلارنى ھەر كۈنى چۈشتە 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرسە بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن.

پولات ئامانيار تەرجىمىسى


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلماڭ

    ئادەمگياھ چېيى بىر قىسىم دورىلىق چايلار ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى ياخشىلايدۇ، بىراق ئادەمگياھ چېيى ئۇنداق ئەمەس، يېمەكلىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ئۇخلاشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن ئادەمگياھ چېيى ئىچمەسلىك كېرەككەن

  • ئۇخلاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان تېمپۇراتۇرا

    بۇنداق ھورمۇنلار ئادەتتە، ئۇيقۇ ھورمۇنلىرى دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇلار بەدەندىكى ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىنى تەڭشەپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن

  • ئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    كۈندۈزى بەك كۆپ يول مېڭىپ ھېرىپ قالسىڭىز ياكى ئۆرە تۇرۇپ ئىشلىگەن بولسىڭىز، ئىككى پۇتىڭىز تىلىپ ئاغرىيدۇ، شۇڭا سىز ئۇخلاش ئالدىدا پۇتىڭىزغا سىلىقلاش مېيىنى سۈرتۈپ بەرسىڭىز پۇتىڭىزنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئەسلىگە كېلىدۇ

  • ئۇخلاش ھالىتى ۋە خاراكتېر

    سەزگۈر ، مەسئۇلىيەتچان، پۇختا، سەمىمىي ۋە ئىشەنچىلىك كېلىدۇ خىزمەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا كىشلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ لېكىن، توخۇ يۈرەك سەۋىر-تاقىتى كەم بولىدۇ

  • ئېغىزنى ئېچىپ ئۇخلاش ئادەمنىڭ چىرايىنى سەتلەشتۈرىۋېتىدىكەن

    يېڭى زىنلاندىيەدىكى بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بايقىلىشىچە، ئېغىزنى ئېچىپ ئۇخلاش چىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئۇخلاش ئۇسۇلىنىڭ چىشنى زىيانغا ئۇچرىتىش دەرىجىسى كاربونلۇق ئىچىملىكنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن ئېغىزنى ئېچى...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有