قارا گۈرۈچنىڭ شىپالىق رولى

مەنبە:

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-05 17:39:31

رەناگۈل روزاخۇن

قارا گۈرۈچ ۋە سۆسۈن گۈرۈچ نومى گۈرۈچ تۈرىگە تەۋە بولۇپ، بۇلارنىڭ تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بولغاچقا، ئەڭ ياخشى قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹قان تولۇقلىغۇچى گۈرۈچ››، ‹‹ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە ياردەم بېرىدىغان گۈرۈچ›› دەپ ئاتالغان.

قارا گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى ئادەتتىكى گۈرۈچنىڭ 1 ~ 0.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مانگان، سىنك، مىس قاتارلىق ئانئورگانىك ماددىلار ئادەتتىكى گۈرۈچنىڭكىگە قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئۈچ ھەسسىگىچە يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، قارا گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن، خىلوروفىل، سىئانىدىن، كاروتىن ھەمدە يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى گىلىكوزىد قاتارلىق ئالاھىدە تەركىبلەر بولغاچقا، ئۇ ئادەتتىكى گۈرۈچتىن قۇۋۋەتلىك. قارا گۈرۈچنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا ئىشتىھانى ئېچىپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، جىگەرنى ئىللىتىپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ. ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى چاچقا ئاق كىرىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان ئازلىق، تېنى ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا شىپا بولۇپ، قان ئازلىق ۋە بۆرەك ئاجىزلىقنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

قارا گۈرۈچ ياكى سۆسۈن گۈرۈچتە تەييارلانغان شوۋىگۈرۈچ ئىنتايىن مەززىلىك ۋە ئىچىشلىك بولىدۇ. لېكىن قارا گۈرۈچنىڭ پوستى قېلىن بولۇپ، ئاسانلىقچە پىشمايدۇ. شۇڭا شوۋىگۈرۈچ تەييارلاشتىن ئاۋۋال بىر كېچە سۇغا چىلاپ قويۇش كېرەك. ئەگەر شوۋىگۈرۈچ ئوبدان پىشمىسا، قارا گۈرۈچ تەركىبىدىكى كۆپ ساندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئېرىمەيدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بالىلار ۋە ياشانغان، تېنى ئاجىز كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەر يۇمشاق پىشمىغان قارا گۈرۈچنى يېمەسلىكى كېرەك.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有