بەش خىل ئۇسۇل ئارقىلىق پەرزەنتىڭىزنىڭ سەت گەپ قىلىشىنى توسۇڭ

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-30 12:16:16

بىرىنچى، بالىلارنىڭ قەستەنسەت گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا يالغاندىن كارىڭىز بولمىسۇن. بۇنداق بولغاندا پەرزەنتىڭىزسەت گەپ قىلسىمۇ دىققىتىڭىزنى تارتالمىغانلىقىنى، سىزدە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقىنى بايقاپ ئاستا-ئاستا قەستەنسەت گەپ قىلمايدىغان بولىدۇ.

ئىككىنچى، پەرزەنتىڭىزنىڭسەت گەپ قىلغىنىنى بايقىغان ھامان ئۇخلىغان ۋاقىتلىرىدا ھېكايە توقۇپ، ئاچچىقى كەلگەندە باشقىلارغا «دەردىنى تۆكۈش» ياكى ئويۇنچۇقلىرىغا گەپ قىلىش ئارقىلىق «دەردىنى چىقىرىش» كېرەكلىكىنى،سەت گەپ قىلىشنىڭ خاتا ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ.

ئۈچىنجى، پەرزەنتىڭىزنىڭ سەت گەپ قىلىدىغان ئادىتىنى بايقىغان ھامان قەيەردىن، كىمدىن ئۆگىنىۋالغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. شۇنداقلا تېزدىنسەت گەپ قىلىشنى ئۆگەنگەن ئوبيېكتىدىن،سەت گەپ قىلىدىغان شارائىتلاردىن يىراقلاشتۇرۇڭ. شۇنداق بولغاندىلا بالىلار ئاستا-ئاستاسەت گەپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

تۆتىنچى، مۇۋاپىق جازالاڭ. بۇ يەردە ئېيتىلغان جازالاش بالىنى ئۇرۇش، دۈشكەلەش بولماستىن بەلكىسەت گەپ قىلغان ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلارغا بۇنداق قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن ئويۇن ئويناش ۋاقتىنى قىسقارتىڭ، ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق-چۈششەكلەردىن نەچچە كۈن ئايرىڭ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىقبالىلارغاسەت گەپ قىلسا جازالىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有