سىزنىڭ يېشىڭىز قانچە سائەت ئۇخلاشقا ماس كېلىدۇ؟

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-29 11:40:46

ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ تۈن بويى كىرپىك قاقماي چىقىشى ئادەتتىكى ئىشقائايلاندى، ئەمما، ئامېرىكىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ھەر كۈنى كەچتە ئۇيقۇسى تۆت سائەتتىن ئاز بولغان % 80 ئادەمنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدىكەن. ئوخشىمىغان ياش باسقۇچىدىكى ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن.

ئادەم بىر كۈندە چوقۇم 8 سائەت ئۇخلاش كېرەكمۇ؟ ئامېرىكا راكقا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ۋاقتى 7~8 سائەتتىن تۆۋەن بولغان % 80 كىشىنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدىكەن، لېكىن بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو شىخېڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا، ئۆزىنىڭ يېشى بويىچە ئىلمىي ئۇخلاش كېرەك.

ياشانغانلار

ياشانغانلار ھەر كۈنى كەچ سائەت 12دىن بۇرۇن ئۇخلىشى،كېچىلىك ئۇخلاشۋاقتى يەتتە سائەت بولۇشى، پەقەت بولمىغاندا بەش يېرىم سائەت بولۇشى كېرەك.

30~60 ياش ئارىلىقىدىكىلەر

قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى 6.49 سائەت، ئاياللارنىڭ يەتتە يېرىم سائەت ئەتراپىدا بولۇشى، ھەمدە كەچ سائەت 10دىن ئەتىگەن سائەت 5گىچە سۈپەتلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىكقىلىشى كېرەك، چۈنكى ئادەم مۇشۇ چاغدا ئاسانقاتتىق ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىدۇ، ھەمدە چارچاشنى پەسەيتىدۇ.

13~29 ياش ئەتراپىدىكىلەر

بۇ ياش باسقۇچىدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئادەتتە ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالدۇر ئۇخلاپ، ئەتىگەن تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، كېچە سائەت بىرگىچەقاتتىق ئۇيقۇھالىتىگە كىرىپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئادەتتە ئەڭ كېچىككەندىمۇ سائەت 12دە كارىۋاتقا چىقىپ، ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇشى، ھەپتە ئاخىرىدا يەنە ئامال بار چۈشكىچە ئۇخلىماسلىقى كېرەك.

4~12 ياش ئەتراپىدىكىلەر

4-10 ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر كۈنى 12 سائەت ئۇخلىشى زۆرۈر، ھەر كۈنى كەچ سائەت 8لەردە كارىۋاتقا چىقىپ، چۈشتە ئىمكانقەدەر يەنە بىر ئاز ئۇخلىشى كېرەك. يېشى يەنە چوڭراق بالىلار 10 سائەت، پەقەت بولمىغاندا سەككىز سائەتئۇخلىشى كېرەك.ئەگەرئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا، روھى كەيپىياتى چۈشكۈن بولۇپلا قالماستىن، ئىممۇنىت كۈچى تۆۋەنلـەپ كېتىش، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. لېكىن، ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ، 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有