تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2016-09-08 13:18:00

ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى، ھەتتا يوقلۇقىنى بايقىغان. دېمەك، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دېيىلىۋاتقان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ پۇل ئىسراپ قىلىشتىن باشقا رولى يوق. مۇتەخەسسىسلەر كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىش ۋە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. كىشىلەر يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ئادەم بەدىنىدىن ‹‹ئەركىن رادىكال›› دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ئوكسىد چىقىدۇ، بۇنداق ئوكسىد بەدەندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ، بەدەننىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرىدىغانلاردىن ۋىتامىن C، ۋىتامىن E قاتارلىقلار ‹‹ئەركىن رادىكال›› دەپ ئاتىلىدىغان ئوكسىدقا تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئالاھىدە بىرتەرەپ قىلىشتىن ئۆتكەن، ئاجرالما مىقدارى يېتەرلىك بولمىغان بىر قىسىم ئوكسىدلىنىشقا قارشى فېرمېنتلىق قۇرتلارنى كۆزىتىپ، مۇبادا يۇقىرىقى ‹‹ئەركىن رادىكال نەزەرىيىسى ›› توغرا بولسا، بۇنداق قۇرتلار نورماللىرىدىن بالدۇر ئۆلگەن بۇلاتتى، دەپ كۆرسەتكەن. تەتقىقاتتىن بۇنداق قۇرتلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى شۇ خىلدىكى قۇرتلارنىڭكىدىن ئاجىز بولسىمۇ، ئۆمرى قىسقا ئەمەسلىكى مەلۇم بولغان. بۇ ‹‹ئەركىن رادىكال نەزەرىيىسى›› نىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有