ئۇزاق ئولتۇرۇش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق

مەنبە: جۇڭشىن تورى

تەھرىر: abdulla

يوللانغان ۋاقتى: 2015-02-19 23:52:07

جۇڭشىن تورى 20-فېۋرال خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئابدۇللا تەرجىمىسى:

ھازىرقى ئىشچى خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك كومپيۇتېردىن ئايرىلالمايدىغان بۇلۇپ، خىزمەتتىن باشقا كۆڭۈل ئېچىش بىلەنلا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ 90 % ئىشتىن سىرتقى ۋاقتى ئاساسەن ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتىدىغان بۇلۇپ، بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان «ئادەم ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندىمۇ 150 مىنوت ئوتتۇرا دەرىجىدىكى كۈچلۈك تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن چېنىقىش لازىم» دېگەن تەلەپنىڭ يېرىمىغىمۇ ھەرگىز يېتەلمەيدۇ.

ئەڭ يېقىندىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، ھەر كۈنى كۆپ ئولتۇرىدىغان كىشىلەر مەيلى ئۇلار ھەرىكەت قىلغان بولسۇن، ئۇلار چېنىققاننىڭ ئۈنۈمى ئۇزاق ئولتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دىئابىت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ تەھدىتىنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسىنى باسالمايدىكەن، ئەكسىچە ئۆمرىنى قىسقارتىۋېىشى مۇمكىن ئىكەن.

«ئۇزاق ئولتۇرۇش كېسەل بۇلۇش تەھدىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ»

ئامېرىكا تورىنتو ئونۋىرىستىتىنىڭ دوكتورى داۋىد مۇشۇ تۈردىكى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدىغان ئالىم بۇلۇپ، ئۇ ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە يېرىمدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ بىر كۈندە ئولتۇرىدىغان ۋاقتى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بۇلۇپ،ئۇلار ۋاقتىنى ئاساسلىقى تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن.

تەتقىقاتچى خادىملار 47 دانە تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۈلۈش نىسبىتىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مىسالىنى تەتقىق قىلغان. ئۇلار ئۇزاق ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاز ئولتۇرىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا كېسەل بىلەن ئۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ بارلىقىنى بايقىغان بۇلۇپ، يۈز بېرىش نىسبىتى تەخمىنەن 24 % كۆپ بولغان.

بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ 47 تۈرلۈك تەتقىقات مىسالدا بىر ئۆلچەملىك ئېنىقلىما قوللىنىلمىغان بولسىمۇ، مەسىلەن زادى قانچىلىك ئولتۇرسا ئاندىن ئۇزاق ئولتۇرغانلىق بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ دېگەنگە ئوخشاش، لېكىن ئەگەر سىز ھەر كۈنلۈكى ئولتۇرغان ۋاقتىڭىز سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا بەلكىم ئۇ ھالدا سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار خادىملار يەنە شۇنى بايقىغان بۇلۇپ، ئۇزاق ئولتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى 18% كۆپىيىدىكەن، راك كېسىلى بىلەن ئۈلۈش نىسبىتى 17% كۆپىيىدىكەن،ۋە ئۇلارنىڭ دىئابىت كېسىلى بۇلۇپ قېلىش خەۋپى 91% كۆپىيىدىكەن، يۈرەك كېسىلى بۇلۇش خەۋپى 13 % تىن 14 % كىچە كۆپىيىدىكەن.

تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ يەنە بايقىشىچە، ئۇزاق ئولتۇرۇش يەنە كىشىلەرنىڭ سۈت بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى ۋە تۇخۇمدان راكى بۇلۇپ قېلىش خەۋپىنى كۈپەيتىۋېتىدىكەن.

« ھەرىكەت قىلىشمۇ ئۇزاق ئولتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرلەرنى يوقىتالمايدۇ»

ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بۇ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بۇلۇش خەۋپى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھەرىكەت قىلمايدىغان ئادەمنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن. لېكىن ھەرىكەت قىلىشمۇ ئۇزاق ئولتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتالمايدۇ.

بۇ 47 تۈرلۈك تەتقىقات مىسالىدا كۆرسىتىلىشچە، ئۇزاق ئولتۇرىدىغان لېكىن بەدەن چېنىقتۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدىغان ئادەملەرمۇ بار بۇلۇپ، پەقەت ھېلىقىدەك دائىم ئولتۇرۇۋالىدىغان لېكىن بەدەن چېنىقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئۈچتىن بىر قىسىم ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئازىيىدىكەن خالاس.

تەتقىقاتچى خادىملار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇرۇنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەتقىقات بار بۇلۇپ، لېكىن بۇ قېتىملىق تەتقىقاتنىڭ كۆلىمى زور ۋە ئەڭ قاتتىق بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە 83 كە يېقىن سالامەتلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر، 550 مىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ۋە 745 مىڭ راك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەر بار.

كىشىلەر ئۆرە تۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارىنى كۆپەيتسە بولىدۇ. مەسىلەن بىز ئۇششاق چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ياكى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا چىققاندا ئۆرە تۇرۇشنى سىناپ باقساق بولىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭىز ھەر كۈنلۈكى سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتسە سىز چوقۇم تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەت قېلىشىڭىز لازىم. ئاز دېگەندىمۇ سىز ئىشخانىدا ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم ئۆرە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىشىڭىز كېرەك، قاتتىق ھەرىكەت قىلمىسىڭىزمۇ ئۇياق بۇياققا مېڭىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە سىز ئىشخانىدا ئۆرە تۇرۇپ كومپيوتېر ئىشلىتىشنى سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۆيىگە قايتقاندا ياكى ئىشقا بارغاندا لىفىت بىلەن ئەمەس پەلەمپەي بىلەن مېڭىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، گەرچە ئازراق ھارسىڭىزمۇ لېكىن بىر ھەپتە ئۇدا داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىز سىز ئۆزىڭىزنىڭ تېنىنىڭ بارغانسېرى سالامەت بۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، پەلەمپەيگە چىقىش سۈرئىتىڭىزنىڭمۇ بارغانسېرى تىزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.

ھازىرقى دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ كىسەل بولۇشى كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئۇزاق ئولتۇرۋېلىشىدىن كېلىپ چىققان. شۇڭلاشقا بىكار ۋاقتىڭىز بولسا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بېرىڭ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • مۇۋاپىق ھەركەت قىلماسلىقنىڭ سالامەتلىككە سالىدىغان تەھدىتى تاماكىدىن قېلىشمايدۇ

    مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلماسلىقنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ھەتتا تاماكىدىن قېلىشمايدۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پۈتۈن يەر شارىدا ھەر يىلى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 5 مىليون 300 مىڭغا يېتىدۇ

  • تۆمۈر بەدىنىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

    ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ تىنىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى بەش ئۈچ ~بەش گىرامغىچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %80~%70 تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلى شەكلىدە ئاساسلىقى قىزىل قان ھۇجەيرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ

  • ياڭاق شاكىلى ئېغىز يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

    ئېغىز يارىسى بولۇپ قالغاندا 10 دانە ياڭاقنى چېقىپ، شاكىلىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاغرىقى پەسەيتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يەڭگىللىتىدۇ، ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچكەندە ئېغىز يارىسى شىپا تاپىدۇ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا يارا ئېغىزىغا شىلېيسەن ( 锡类散 )...

  • ھامىلدار بولۇش ئاياللارنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ

    كانادادىكى ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ھامىلدارلىق ئاياللارنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ياخشلىنىدىكەن كەلگۈسىدە ئاياللاردىكى مېڭى چېكىن...

  • قورساقنى سىلاش سالامەتلىككە پايدىلىق

    كارىۋاتتا يېتىۋالماي ئۆي ئىچىدە مېڭىپ يۈرۈپ سىلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ قورساقنى سىلاشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرسا، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، روھىي كەيپىياتنى نورماللاشتۇرۇشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有