تېرىڭىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2015-02-02 19:54:11

خوجايىن ياخشىمۇسىز؟ مەن بولسام تېنىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى بولغان تېرە. مېنىڭ سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىم بار، ئاڭلاپ بېقىڭ:

قاپىقىڭىزنى ئۇۋۇلىماڭ

ئەتىگەندە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ئىختىيارسىز قوللىرىڭىزنى سوزۇپ، كۆزىڭىزنى ئۇۋۇلاپ سالىسىز، ئەمدىلا ئويغانغاندا ئۇيقۇڭىزنىڭ تېخى ئېچىلمىغىنى ماڭا ئايان، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا سىزنىڭ مېنى ئاز ئۇۋۇلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى كۆز ئەتراپىڭىزدىكى مەن بەك نېپىز، ئارانلا 0.05 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا، سىز مېنى ئۇۋۇلاۋەرسىڭىز كۆز يېشى ئىنچىكە تومۇرلىرىمغا تەسىر كۆرسىتىپ، مېنى قارايتىپ قېرىتىۋېتىدۇ.

كۆپ تاتىلىماي، سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىڭ

ھەر يىلى قىش پەسلىدە قۇرغاق ھاۋا مېنىڭدىكى نەملىكنى ئېلىپ كېتىپ، مېنى بەك بىئارام قىلىدۇ. قۇرغاقلىشىش مېنىڭ ئاسانلا ياللۇغلىنىشىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياللۇغلانغان ئاقسىل بىلەن بىيوئېنزم تەسىرىدىن تېرەم تىنماي قىمىرلاشقا باشلاپ قىچىشىمەن. بۇنىڭ بىلەن سىز مېنى قاشلاشقا باشلايسىز، بۇ سىزگە ۋاقىتلىق ئارام بەرسىمۇ دائىم داۋاملاشتۇرۇۋەرسىڭىز مەندىكى ياللۇغلىنىش تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. شۇڭا سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىڭ.

مۇنچىدا ئۇزاق تۇرسام بولمايدۇ

سىز مۇنچىغا كىرگەندە ھەرگىزمۇ ئون مىنۇتتىن ئارتۇق تۇرماڭ. چۈنكى ئىسسىق سۇ بىلەن بەدەن سوپۇنى مېنىڭ تەركىبىمدىكى نورغۇنلىغان ياغنى ئېلىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ قىش پەسلىدە مېنى پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ تېرە ئاسراش مايلىرىنى سۈركەپ قويسىڭىزلا كۇپايە.

مېنى نەم ھالەتتە ساقلىسىڭىز، مەن سىزگە ياردەملىشىپ كېسەل مىكروبلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ بېرىمەن

سىز دائىم ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇشنى ئويلايسىز، شۇنداق چاغدا مېنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش سېپىدىكى بىرىنچى مۇداپىئە قورغىنى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ. مەن ئۈستۈنكى تېرە قەۋىتى، ھەقىقىي تېرە، تېرە ئاستى دەپ ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىمەن، سىرتقى قەۋىتىم قۇرغاق ھالەتتىكى كىسلاتالىق ھالەتتە ھەر خىل كېسەل مىكروبلىرىغا تاقابىل تۇرىدۇ. مەن يەنە ئىشقارلىق مۇھىتتا ياشاپ، تېرىگە ياردەملىشىپ سىرتقى چاتاقچىلارنى يوقىتىمەن. ئەگەر سىرتقى قەۋىتىم بەك قۇرغاق بولۇپ كەتسە، مەندە ئۇششاق يېرىقچىلار پەيدا بولۇپ، ئاسانلا يۇقۇملىنىمەن ياكى ياللۇغلىنىمەن. شۇڭا تېرە ئاسراش مايلىرىنى سۈرۈپ ماڭا ھەقىقىي كۆڭۈل بەرسىڭىز، مەن ھەقىقىي مۇداپىئەلىنىش قورالىغا ئايلىنىمەن.

مېنى كۆكەرتىپ، قىزارتىۋەتمەڭ

ئىچكى قىسمىمدىكى ماي ۋە كوللاگىنلىق ھۈجەيرىلىرىم توسۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، يېنىڭ ئۇرۇلۇش – سوقۇلۇشلاردا ئىچكى ئەزالىرىڭىزنى قوغدايدۇ، ئەگەر سوقۇلۇش بەك ئېغىر بولسا، قىلدام تومۇرلار يېرىلىپ، قان ئەتراپتىكى ئەزالارغا يامراپ قىزىل ھەم كۆك داغ پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا مېنى كۆكەرتىپ، قىزارتىۋەتمەڭ.

ماڭا پاختا كىيىملەر بەك ياقىدۇ

مەن بەك سەزگۈر بولغاچقا، يۇڭ كىيىملەر مېنى قىچىشتۇرىدۇ. شۇڭا ئىچىڭىزگە پاختا كىيىم كىيسىڭىز خۇش بولىمەن. بەك سوغۇق كۈنلەردە قولىڭىزغا پەلەي كىيىڭ، بۇنداق قىلسىڭىز مەندىكى نەملىكنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئاپتاپتىن ساقلاش مېيىنى سۈرۈپ بېرىڭ

تېمپېراتۇرا يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، كۈن نۇرى بولسىلا ئۇلترا بىنەپشە نۇر پەيدا بولىدۇ. قىشتا A دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇر B دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولغاچقا، ئۇ بۆسۈپ كىرىپ، مەندە قۇرۇق، قارا داغ، يىرىكلىشىش، ھەتتا راكنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا سىرتقا چىققاندا چوقۇم 30 گىرادۇستىن يۇقىرى ئاپتاپتىن ساقلاش مېيىنى سۈرتۈپ چىقىشىڭىز كېرەك.

تاماقنى ياخشى يەڭ

كۈنىگە ھامبۇرۇك بولكىسى بىلەن بەرەڭگى قەلەمچىسىنى يەۋەرمەڭ، رەڭلىك بېلىق بىلەن چېچەكسەيدەك يېمەكلىكلەرنىمۇ يەپ بېرىڭ. رەڭلىك بېلىق تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار، ئۇ تېرە ياللۇغى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقىنىمدا ماڭا ياغ تولۇقلاپ بېرىدۇ. چېچەكسەي ۋىتامىن Cبىلەن تەمىنلەيدۇ. مېنىڭ ھۈجەيرىلىرىم ئاقسىلغا موھتاج، تاتلىق نەرسىلەرنى ئاز يەڭ، قەنت بىلەن ئاقسىل بىرلەشسە مەندىكى مۇستەھكەملىكىنى بۇزۇپ، قورۇق پەيدا قىلىدۇ.

ياخشى ئۇخلىسىڭىز مەن سىزنى تېخىمۇ جەلپكارلىققا ئىگە قىلىمەن

مەن ھەر كۈنى كەچتە يېڭى ھۈجەيرە ئىشلەپچىقىرىمەن ھەم كونا ھۈجەيرىلەرنى بىر تەرەپ قىلىمەن. بۇ جەريان ئۇخلاش جەريانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇيقۇسى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغان كىشىلەرگە قارىغاندا قېرىشى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ. ئەگەر ئۇيقۇڭىز ياخشى بولسا، رەڭگىم، ئېلاستىكلىقىم ياخشى بولىدۇ، كىچىك قورۇقچىلار پەيدا بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا سىز تېخىمۇ جەلپكار بولىسىز!


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有