تۆمۈر بەدىنىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-26 13:02:21

تۆمۈر ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان مىكرو ئېلېمېنتتۇر. ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ تىنىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى بەش ئۈچ ~بەش گىرامغىچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %80~%70 تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلى شەكلىدە ئاساسلىقى قىزىل قان ھۇجەيرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، ئەگەر تۆمۈر كەمچىل بولسا، قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ سىنتېزلىنىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاسانلا كەم قانلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېببىي ئىلىمدە بۇ كېسەل ئادەتتە ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ كېسەل بالىلار ۋە ياشلار – ئۆسمۈرلەردە، بولۇپمۇ قىزلاردا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

تۆمۈر كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل ئانئورگانىك ماددا. ئادەتتە تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: جىگەر، ئورۇق گۆش، شاپتۇل، ئۈزۈم، پالەك، ئاناناس، پەمىدۇر قاتارلىقلارنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەنگە تۆمۈر تولۇقلاپ، تۆمۈر كەملىكتىن كېلىپ چىققان كەم قانلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بەدەندە تۆمۈر كەمچىل بولۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرى ئاۋۋال كەم قانلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، تۆمۈر كەملىكتىن بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بوۋاقلاردا بولسا ئاسان ھاياجانلىنىش،ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە قىزىقماسلىق، ياشلار – ئۆسمۈرلەردە دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۆگىنىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر كەمچىل بولغان بوۋاقلاردا يەنە ئاسانلا ئاليومىندىن زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.

يېمەكلىك ئارقىلىق تۆمۈر تولۇقلاش بەدەنگە تۆمۈر يېتىشمەسلىكنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • مۇۋاپىق ھەركەت قىلماسلىقنىڭ سالامەتلىككە سالىدىغان تەھدىتى تاماكىدىن قېلىشمايدۇ

    مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلماسلىقنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ھەتتا تاماكىدىن قېلىشمايدۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پۈتۈن يەر شارىدا ھەر يىلى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 5 مىليون 300 مىڭغا يېتىدۇ

  • ياڭاق شاكىلى ئېغىز يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

    ئېغىز يارىسى بولۇپ قالغاندا 10 دانە ياڭاقنى چېقىپ، شاكىلىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاغرىقى پەسەيتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يەڭگىللىتىدۇ، ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچكەندە ئېغىز يارىسى شىپا تاپىدۇ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا يارا ئېغىزىغا شىلېيسەن ( 锡类散 )...

  • ئۇزاق ئولتۇرۇش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق

    ئەڭ يېقىندىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، ھەر كۈنى كۆپ ئولتۇرىدىغان كىشىلەر مەيلى ئۇلار ھەرىكەت قىلغان بولسۇن، ئۇلار چېنىققاننىڭ ئۈنۈمى ئۇزاق ئولتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دىئابىت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ تەھ...

  • ھامىلدار بولۇش ئاياللارنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ

    كانادادىكى ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ھامىلدارلىق ئاياللارنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ياخشلىنىدىكەن كەلگۈسىدە ئاياللاردىكى مېڭى چېكىن...

  • قورساقنى سىلاش سالامەتلىككە پايدىلىق

    كارىۋاتتا يېتىۋالماي ئۆي ئىچىدە مېڭىپ يۈرۈپ سىلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ قورساقنى سىلاشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرسا، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، روھىي كەيپىياتنى نورماللاشتۇرۇشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有