كىتابنى كۆپ ئوقۇسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە تۆھپە قوشقان بولىسىز

مەنبە: شىنجاڭ رادىئو تورى

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-26 15:59:09

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ، جىسمانىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق ئىكەن. مېدىتسىنا ئىلمىدە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقى پۈتۈن ئورگانىزمغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىئولوگىيە ئىلمىدە «ئىشلىتىلسە راۋاج تاپىدۇ، بىكار قويسا چېكىنىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراش بار. دېمەك، ئورگانىزم دائىم ئىشلەپ تۇرسا، ساغلام تۇرىدۇ، ئاز ئىشلىتىلسە ياكى داۋاملىق ئىشلىتىلمىسە ساغلاملىقى چېكىنىپ كېتىدۇ. تېببىي ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن كىشىنىڭ نېرۋىسىنىڭ ئوبدان تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، قېرىپ كەتكەندىمۇ، نېرۋىنىڭ ئاجىزلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. دېمەك، ھاياتلىق ھەرىكەتتە، ئەقلىي قابىلىيەت ھەرىكەتچانلىقتا بولىدۇ. كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزمنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇ نېرۋىنى ساغلاملاشتۇرۇش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى رېتسېپ ھېسابلىنىدۇ. كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق، ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى پسىخىكىلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. نۇرغۇن كېسەل روھىي جەھەتتىن داۋالىنىش ئارقىلىق دورا يېمەيمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، بەزى كېسەللەر روھىي ھالەت ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا پەيدا بولىدۇ ياكى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، ياخشى كىتابلار بىر خىل مەنىۋى دورا، روھىي ئوزۇق بولۇپ، ئۇ كەيپىياتنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، دائىم كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، روھىي ھالىتىنى پاكلاشتۇرۇشقا، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كىتاب ئوقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقىمۇ پايدىلىق، ياپونىيە نوپۇس ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغانلار پەيلاسوپلار، ئۇنىڭدىن قالسا ئالىملار ۋە سەنئەتكارلار ئىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئىزچىل كىتاب ئوقۇشى، يېزىقچىلىق قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • بىز قاچان چەت ئەل كىتاب خالتىلىرىنى ئۈلگە قىلىمىز؟

    چوڭ شەھەرلەردە كىشىلەر كۈندە خىزمەتكە چىققاندا ۋە خىزمەتتىن يانغاندا مېتروغا ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن مېترودىكى ئاشۇ ئۇزۇن ۋاقىتنى كىشىلەر ناخشا ئاڭلاش،تېلىفون قىلىش،ئۇخلاش بىلەن ئادەتلەنگەن كىتاپ ئوقۇش ھېچكىمنى قىززىقتۇرالمايدىغان ئەھۋالغ...

  • كىتاب ئۈچۈن بىر قەدەم ئاتلاپ باقتىڭىزمۇ ؟

    سۇ بەدەندىكى كىرنى ئالسا بىلىم تەپەككۈرىمىزدىكى كىرنى تازىلايدۇ بىلىم تىلىڭىزنى راۋان ،دىلىڭىزنى يورۇق قىلىدۇ ،بىلىم گويا جاھان ئەينىكى ،ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزگە لازىم بولغان نەرسىلەرگە بىمالال ئېرىشەلەيسىز شۇنداق،كىتابقا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلى...

  • بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشتىكى 10 خىل چارە

    بالا كىچىكىدىن كىتابقا ئىشتىياق باغلاپ ئۇنى مېھىر قويۇپ ئوقۇسا،ئۇنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى ئېشىپ،ئەقىللىق ۋە ناتىق بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ

  • كىتاب ئوقۇشنىڭ جىسمانىي ساغلاملىققا بولغان پايدىسى

    ھاياتلىق ھەرىكەتتە، ئەقلىي قابىلىيەت ھەرىكەتچانلىقتا بولىدۇ كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش مېڭە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزمنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇ نېرۋىنى ساغلاملاشتۇرۇش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېل...

  • كىتابنىڭ خاسىيىتى ۋە قۇدرىتى

    كىتاب بولغاچقىلا مەدەنىيەت بولغان، تەرەققىيات بولغان، ئىلىم - پەندە گۈللىنىش بولغان، بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيا بولغان كىتابنىڭ ھەربىر ۋارىقى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىر پەلەمپىيى، ھەربىر قۇرى نۇسرەت چىرىغى كىتاب مەيىن شامالدەك ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有