بالىلارنىڭ بۇرنى نىمىشقا قانايدۇ؟

مەنبە: كەچلىك گېزىت

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-06-26 17:40:57

بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئىنتايىن يۇمشاق ،شىللىق پەردىدە قىل قان تومۇرلار ئىنتايىن كۆپ ،شۇڭا ھاۋا قۇرغاق ياكى ئۆينىڭ نەملىكى يىتەرلىك بولمىسىلا ،بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى قۇرۇپ يېرىلىدۇ –دە ،قاناشنى پەيدا قىلىدۇ.

بالىلار بۇرنىنىڭ ئىككى تۆشۈكىنى چىڭ قىسىۋېلىپ ئېرىغدىسا ،بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچ بېسىمى ئۆرلەپ ،بۇرۇن شىللىق پەردىسى يېرىلىپ كېتىدۇ ۋە بۇرۇن قانايدۇ .بەزى بالىلار بۇرۇننى كولاپ ،بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى زەخمىلەندۈرۋالغاچقا بۇرنى قانايدۇ .بەدەندىكى كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناشمۇ بار .مەسىلەن،قان كېسىلى،يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن قاناشنى كەلتۈۈرپ چىقىرىدۇ .

بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەندە ئاتا-ئانىلار بەك ھۇدۇقۇپ كەتمەستىن ،بالىلارنىڭ بۇرنىنىڭ قايسى تەرىپىدىن قان چىققانلىقىنى بىلىپ ،ئاندىن قول بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىن بوشلۇق سىقىپ بەرسە قان توختايدۇ .بۇنداق ۋاقىتتا بالىلارنىڭ بېشىنى پەس قىلىش كېرەك ،بولمىسا قان بالىنىڭ يۇتقۇنچىقى ئارقىلىق نەپەس يولىغا ئۆتۈپ كېتىپ ،بالىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有