بالىلاردا پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىمايلى

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-06-01 17:10:37

بالىلار تەربىيەسى ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى ئۆزئارا ماسلاشقاندىلا، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھەر قايسى پەن دەرسلىرىدە ياخشى نومۇر ئېلىشىنىلا خالايدۇ - يۇ، بالىنىڭ ئەخلاق قارىشى، كوللىكتىۋىزملىق ئېڭى قانداق؟ ئائىلىگە، ئاتا - ئانىغا بولغان مېھرىبانلىقى ھەم باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى قايسى دەرىجىدە؟ ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نەگىچە؟ بۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ رايىغا زىيادە بېرىلىپ، بالىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى بىجانىدىل ئورۇنلاپ بەرگەچكە، بالا ئاتا - ئانىنىڭ سۆزىنى ئىلىك ئالمايدۇ، ئەمما سىنىپ مۇدىرىنىڭ ھەر قانداق تاپشۇرۇقلىرىنى تولۇق ئورۇنلايدۇ. مانا بۇ مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ماسلاشمىغانلىقىدۇر، ئەلۋەتتە. پەرزەنتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ھەم كەلگۈسى بەختىنى ئويلىمايدىغان، شۇنداقلا پەرزەنتىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياخشىراق تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشىشنى خالىمايدىغان ئاتا - ئانا بولمىسا كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، ئاتا - ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار بالا تەربىيەسىدە مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، بالىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشىنىلا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەخلاقىي پەزىلىتىگە سەل قاراشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بالىلار ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرەلىسە راستچىل، سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان، ئەستايىدىل بولۇش بىلەن بىللە، تىرىشچان، كۆيۈمچان، ۋاپادار بولىدۇ - دە، تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ ھەم ياخشى پەزىلىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى، ئائىلىدە ياخشى بالا بولالايدۇ. ئەكسىچە، ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرەلمىسە يالغانچى، بەتخەج، مەسئۇلىيەتسىز، ھورۇن، كۆيۈمسىز بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، بالىلار تەربىيەسىدە ئۆگىنىشكىلا ئەمەس، مۇھىمى ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكىمۇ ئېتىبار بېرىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. بەزى سىنىپلاردا يىتىم، نامرات، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار بار. ئۇلار گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالمىسىمۇ، ئۇلاردا بەزى پەزىلەتسىز ساۋاقداشلىرىنىڭ كەمسىتىشى، كۆزگە ئىلماسلىقى سەۋەبلىك مەكتەپتىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىر سىنىپتا ئەخلاق - پەزىلەتلىك بالىلار بولۇپلا قالماي، يەنە ئەخلاقسىز، ھۇرۇن، مەسئۇلىيەتسىز يالغانچى بالىلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە سىنىپ مۇدىرى ئۇلارغا تەربىيە قىلسىمۇ، ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى ئورتاق بولمىغاچقا، بۇ ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەخلاقسىزلىق يۇشۇرۇش ھالەتتىن ئاشكارىلىققا ئۆتىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلار تەربىيەسىدە ئالدى بىلەن پەزىلەت تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش لازىم.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有