كۆزنىڭ يەتتە «دۈشمەن»ى

مەنبە:

تەھرىر: parizat

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-18 17:24:55

كۆزنىڭ يەتتە «دۈشمەن»ى

تاماكا يېقىندىن بۇيان ئىلمي تەتقىقات تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ، تاماكا چېكىشنىڭ كۆرۈش نېرۋىسىنى غىدىقلايدىغانلىقىنى ھەمدە بىۋاستە كۆزنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئىسپىرت كۆز ئەتراپىدىكى تېرە يۇمران، قان تومۇرلار ئىنتايىن ئىنچىكە. ئەگەر ھەددىدىن زىيادە كۆپ ھاراق ئىچكەندە، ئۇششاق قان تومۇرلار ئاسان يېرىلىپ كېتىپ، كۆزگە قان ئۇيۇش ياكى داغ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا مۇقەررەر ھالدا بارا-بارا كۆزنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

قۇرغاقلىشىش قۇرغاقلىشىش كۆزنى نۇرسىز قىلىپ، خۇددى سىزنى ھەمىشە ئازابلىنىپ يۈرىدىغاندەك ھالەتتە كۆرسىتىدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆزگە سۇ تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى ئەڭ ئاز دېگەندە 8 ئىستاكان سۇ ئېچىپ بېرىش ياكى دەملەنگەن يېشىل چايدىن چىققان ئىسسىق ھورنى كۆزگە تۇتۇش كېرەك.

ئاپتاپقا قاقلىنىش ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرغا قاقلانغاندا كۆز ئەتراپىغا قورۇق چۈشۈش، كۆزگە ئاق چۈشۈش ۋە باشقا كۆز قىسمى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى سىرتقا چىققاندا قارا كۆزەينەك تاقىۋالغاندا، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۈنۈملۈك ھالدا ساقلانغىلى بولىدۇ.

رادىئاتسىيە تېلىۋېزور ۋە كومپىيۇتېر قاتارلىق ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ رادىئاتسىيىسىمۇ كۆزگە نىسبەتەن بىلىندۈرمەي زىيان سالىدۇ. شۇڭلاشقا ئامال بار ئاز ئىشىلىتىش كېرەك.

ئۇزۇن ۋاقىت تىكىلىپ قاراش ئەگەر بىرەر نەرسە كۆرگەندە ئۇزۇن ۋاقىت تىكىلىپ قاراپ، كۆزنى ھەرىكەتلەندۈرمىگەندىمۇ كۆزگە نىسبەتەن زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىسسىقى ئېشىش ئىچكى ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە « كۆز قىزىرىش» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل سەي تۈرىنى كۆپ، گۆش تۈرىنى ئاز ئىستىمال قىلىش، بەك قېلىن كىيىنىۋالماسلىق ۋە ھەرىكەتنى كۆپەيتىش كېرەك.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有